خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى


2004.11.18

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ياراق چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىگە باغلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ياۋرۇپا پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوقى خاتىرىسى ياخشىلانمىغىچە، خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىق ھەققىدە قارار ئالغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ باياناتىدا: " ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ 15 يىل بۇرۇن چىقارغان خىتايغا قورال ساتماسلىق قارارى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى، بۇ خىتاي بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ" دىدى. ئۇ يەنە ياۋرۇپا بىرلىكىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

ياۋرۇپا بىرلىكى 1989 - يىلىدىكى تىيەنمىن دىمۇكراتىك ھەرىكىتىدىن كىيىن، خىتايغا قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى يولغا قويغان ئىدى. نۆۋەتتە، فىرانسىيە بىلەن گىرمانىيىدىن باشقا ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.