خىتاي دائىرىلىرى پاكىستاندىن قورال يۆتكىگەن 17 كىشىنى سوتلىماقتا

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە، پاكىستاندىن خىتايغا قورال يۆتكىگەن 17 نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوت ئاچماقتا ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ما يىيىڭ ۋە لى جى قاتارلىق بۇ 17 كىشى پاكىستاندىن 900 دانە تاپانچا ۋە 1500 دىن ئوشۇق قورال زاپچاسلىرىنى ئەكىرگەن. شۇنداقلا بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھەرلىرىدە سېتىلغان.

قورال يۆتكەش جىنايىتىگە چېتىلغانلار 29 ياشتىن 56 ياشقىچە بولغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سوتى ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنىدىن بۇرۇن ئېچىلىپ بولىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدا بۇ خىلدىكى جىنايەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە، بۇ قوراللارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "بۆلگۈنچى" كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىق بىلەن قارىلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. (پەرىدە)