خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى


2005.09.28

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشىنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بىر مىليارد دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ باياناتىدا، " بىز ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى پىلانىغا ھەرگىزمۇ تەخىر قىلىپ تۇرالمايمىز" دېدى. چىن گاڭ يەنە، "ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋب ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىن گاڭنىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفىلدنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئېيتىلغان. دونالد رامىسفىل ئىلگىرى خىتاينىڭ ھېچقانچە خەۋبكە دۈچ كەلمىگەن بىر شارائىتتا، ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنىڭ مەقسىتىگە سوئال قويغان ئىدى.

تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىن سەككىز دانە دېزىل مېيى سۇ ئاستى پاراخۇتى، 12 سۇ ئاستى پاراخۇتىغا قارشى كۆرەشچى ئايرۇپىلان قاتارلىق قوراللارنى سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلانى تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىماقتا. قارشىلاشقۇچىلار، بۇ سودا،خىتاي بىلەن ھەربىي ھازىرلىق رىقابىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەيۋەن ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

خىتاي تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا تەيۋەن خىتاينىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغان شارائىتتا، تەيۋەننى قوغداشنى ۋەقە قىلغان. ئۇ تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ قورال-ياراق تەمىنلىگۈچىسى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.