قورال - ياراق ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان تۇڭگانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى بىر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى 8 تۇڭگاننى پاكىستاندىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، چىڭخەي ۋە گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارغا قورال ياراق يۆتكەش ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇللاندى، دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، تۆتىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ۋەقە يېقىنقى 50 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاينىڭ غەربىي - شىمال رايونىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ قورال - ياراق ئەتكەسچىلىك ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. پاكىستاندىن يۆتكەپ كېلىنگەن قورال- ياراقلار ئەتكەسچىلەر تەرىپىدىن چىڭخەي ۋە گەنسۇلاردا سېتىلغان. ئەمما سوت مەھكىمىسىدىكى دائىرىلەر قورال - ياراق ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئىسلامى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەتكەسچىلەر 1995 - يىلدىن 2004 - يىلغىچە پاكىستاندىن 900 دىن ئارتۇق تاپانچا، 1500 پارچىدىن ئارتۇق تاپانچا پارچىسىنى ئېلىپ كىرگەن.

چىڭخەيدىكى خەندوڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يۈي فامىلىلىك خادىمى، "ئەتكەسچىلەرنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى يوق " دەيدۇ. سوت مەھكىمىسى دىلوغا چېتىشلىك بىر كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، قالغان بەش كىشىنى ئايرىم - ئايرىم يىلدىن 15 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. (ئەركىن)