خىتاي رۇسىيىدىن يەنە قورال سېتىۋالدى
2005.12.18
خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي بەش يۈز مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال –ياراق سودا كېلىشىمىگە قول قويغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، موسكۋادىكى بىر قورال ياراق زاۋۇتى خىتايغا 150 نەچچە دانە ئايروپىلان ھەركەتلەندۈرگۈچىسى سېتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى رۇسىيىدىن كىرگۈزۈلگەن SU-27 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئۆزگەرتىپ ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
خىتاي بىر تەرەپتىن رۇسىيىنىڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋالسا، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيىنىڭ بۇ ساھەدىكى تېخنىكىسىنىمۇ كىرگۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا ياساش ئۈچۈن تىرىشماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1996-يىلى، خىتاي رۇسىيە بىلەن 200 دانە سۇ-27 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ رۇخسىتى ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈپ، بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن، مەزكۇر كېلىشىم 2 يېرىم مىليارد دوللارغا توختىغان بولۇپ، مۆھلىتى 15 يىل بولغان ئىدى. شۇڭا ھازىر خىتاي مەزكۇر مۆھلەت توشقىچە بۇ ئايروپىلانلارنى ياساپ پۈتتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا.
خەۋەردە يېزىلىشىچە، رۇسىيە خىتايغا سېتىپ بەرگەن SU -27 تىپلىق ئايروپىلان تېخنىكىسى كونا تېخنىكا بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ ئايروپىلاندىن يۈزنى ياساپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۇنى توختىتىپ، بۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئىلغارراق ئايروپىلاننى ياساشقا كىرىشكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھازىر رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال-ياراق خېرىدارىغا ئايلانغان. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قورال-ياراق سودىسىغا قارىتىلغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي گېنېرالى جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
- خىتاي گېنېرالى زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىغا قارشى يادرو قورالى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى
- خىتاي سۇداندىكى قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- تەيۋەن ئارمىيىسى بەش كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى