خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىش سىياسىتىگە قاتتىق نارازى

'رويترس ئاگېنتلىقى'نىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىدىغان تاشقى سىياسىتىنى تەنقىدلەشكە باشلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇجەنچاۋ ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ 'ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپ كۈچلەر بېيجىڭ ھۈكۈمىتىنى يىقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى لازىم' دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇجەنچاۋ باياناتىدا يەنە 'ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش تەيۋەنگە سۇ ئاستى پاراخوتى، بومباردىمانچى ئايرۇپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرىدىغان پاراخوت، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى 'ۋەتەنپەرۋەر' بەلگىلىك قالقان سېستىمىسى سېتىپ بېرىشنى 2001 ‏- يىلى تەستىقلىغان ئىدى. بۇ ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇپ شەكىللەنمەكتە' دېگەن. (ۋەلى)