خىتاينىڭ بەزى شەھەرلىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇلماقتا

14 سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر بىر شەھەردە قاتناش ساقچىلىرىنى يېرىم ئاپتوماتىك مىلتىق، ئوق ئۆتمەس جىلىتكىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇشنى باشلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭ خەۋەرلىرى گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، قاتناش ساقچىلىرىنى قوراللاندۇرۇش چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىدىكى رايونلاردا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان سۈرئەت چېكىدىن ئاشۇرۇپ ماشىنا ھەيدەش، مەست ھالەتتە رول تۇتۇش، ۋە كىنىشكىسىز ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىكەن.

بېيجىڭ خەۋەرلىرى گېزىتىدە نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، بۇ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شۇنداق قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغلىغىلى بولىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، قاتناش ساقچىلىرىغا ئالاھىدە قوراللارنىڭ تارقىتىپ بېرىلىشىدىكى سەۋەب، ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قورقۇنچ سېلىش ھەمدە خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش ئىكەن.

ئەمما خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نېمىشقا پەقەت چۇڭچىڭ شەھىرىدىلا شۇنداق قارار ئېلىنغانلىقى ئۈستىدە توختالمىغان.

ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى گۇاڭجۇ شەھىرىدە 500دىن ئارتۇق قوراللىق ساقچىنى كوچىغا چىقىرىپ جىنايەت نىسبىتىنى ئازايتماقچى بولغان ۋە موتسىكلىت مىنىپ باشقىلارنىڭ سومكىسىنى بۇلاپ قاچىدىغان جىنايەتچىلەرنى ئېتىۋېتىش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ قوراللانغان ساقچى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى قىسىملار شەھەر كوچىلىرىنى چارلاپ يۈرۈدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كوچا چارلايدىغان قوراللىق ساقچىلاردىن تەركىپ تاپقان ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترەتلەر، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان رايون دۆڭكۆۋرۈك ۋە بۇلاق بېشى ئەتراپىغا توپلاشقان ئىكەن. (جۈمە)