خىتاي خەنيۈئەندىكى سۇ ئامبىرى ماجراسى مۇناسىۋىتى بىلەن 10 مىڭ كىشىلىك ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى


2004.11.07

سىچۈەننىڭ خەنيۈئەن ناھىيىسىدىكى سۇ ئامبىرى ئېلىكتىر قۇرۇلۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋە توقۇنۇش تېخى بېسىقمىدى. ۋەزىيەت يەكشەنبە كۈنى بىر ئاز پەسەيگەن. بىراق نارازىلىق ھەرىكىتى يەنە داۋام قىلماقتا.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇشتا ھازىرغا قەدەر ئىككى ئادەم ئۆلگەن. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پىلانىدىكى باۋبۇ گو سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى، شۇ رايوندىكى نۇرغۇن ئاھالىلارنىڭ كۆچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. پۇقرالار يەر مۆلۈك ۋە كۆچۈرىش ھەققىنى ئاز كۆرۈپ، قۇرۇلۇش مەيدانىدا 30 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، پۇقرالارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا پۇقرالاردىن ئىككى كىشى ئۆلگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نەق مەيداننى كۆزۈتىشكە بارغان سىچۈئەن ئۈلكىلىك پارتكوم سېكرىتارى جاڭ شۆجوڭ، نامايىشچىلار تەرىپىدىن بىر قانچە سائەت گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان. بىراق بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭدا چىقىدىغان " ئالما " گېزىتىنىڭ خەۋېرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەنيۈئەن ناھىيىسىنىڭ باۋبۇگو ئەتراپىدىكى رايونغا ئون نەچچە مىڭ كىشىلىك ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.