جىسمانىي خورلۇققا ئۇچرىغان "قۇل ئىشچىلار" نىڭ سانى 53 مىڭغا يەتكەن
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى قۇللۇققا تۇتۇلۇش سەتچىلىكى ئاشكارىلانغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر، كۆمۈركان ۋە خۇمدانلاردىن قۇتۇلدۇرۇلغان جىسمانىي خورلۇققا ئۇچرىغان "قۇل ئىشچىلار" نىڭ سانى 53 مىڭغا يەتكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى فەن دۈيشياڭ ، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ 3 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت - زاۋۇتلارنىڭ ئىككى مىڭدىن كۆپرەكىنىڭ قانۇنىي رەسمىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ 53 مىڭ نەپەر ئاققۇن ئىشچىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خىتايدىكى "قۇل ئىشچىلار" سەتچىلىكىنىڭ قايتا يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر قانۇن لايىھىسى ماقۇللايدىكەن.
خىتاي ئاخبارات ئاۋازلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، "قۇل ئىشچىلار" سەتچىلىكىگە سودا-سانائەت، ئەمگەك ۋە ساقچى تارماقلىرىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلار چېتىلىپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خېنەن ئۆلكىسىدە ئەمگەك يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 600 ئادەم "قۇللۇقتىن" ئازاد قىلىنغان.
ئالدىنقى ھەپتە رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قارا خۇمداندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىلغانلارنىڭ ئارىسىدا، ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تېرىشىپ كېلىۋاتىمىز.(جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىشچىلارنى خورلاش قىلمىشلىرى داۋاملىق پاش بولماقتا
- شەنشىدىكى قارا خۇمدانلىقتىن يەنە 80 قۇل ئىشچى قۇتقۇزۇلدى
- خىتايدا بۇ يىل 24 مىليون ئادەم ئىشسىزلار سېپىگە قوشۇلىدىكەن
- خىتاي تالانتلىق ئادەملىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى 15 مىليون ئادەمگە ئىش تېپىپ بېرەلمەيدۇ
- خاڭجۇدا 3000 نەپەر ئىشچى - خىزمەتچى نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتايدىكى 4 مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولماقتا
- چوڭچىڭ تېگاڭ ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشى باستۇرۇلدى ۋە ئىككى ئادەم ئۆلدى