13 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇنسىز خۇمدانلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "قۇل ئىشچى" لار ئازاد قىلىنغان.
شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆ ياڭجوڭنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان يەنە 359 نەپەر قۇللۇققا تۇتۇلغان ئاققۇن ئىشچى قۇتقۇزۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 15 نەپەر بالا، 121 روھىي مەجرۇھ كىشى بار ئىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئىشچىلار، يېڭىدىن ئاشكارىلىغان 17 ئورۇندىكى قانۇنسىز خۇمدانلاردىن بايقالغان.
6- ئاينىڭ باشلىرىدا، خىتاي مەتبۇئاتلىرى قورامىغا توشمىغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۇقىرى مائاش ۋە ياخشى تەمىنات بىلەن ئالدىنىپ قارا خۇمدانلارغا "قۇل ئىشچىلىققا" تۇتۇلغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.
ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ، قارا خۇمدانلاردا ئىشقا تۇتۇلغان كىشىلەر، قۇلدەك مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ۋە ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. بويۇنتاۋلىق قىلغانلىرى تاياققا بېسىلغان.
شەنشى ئۆلكىسى ئەمگەك-سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇن باۋشۇ ، " شەنشىدىكى خۇمدانلارنىڭ 66 پىرسەنتى قانۇنسىز" دەيدۇ.
6- يادا شەنشىدە قۇتقۇزۇلغان قۇل ئىشچىلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. (جۈمە)