ۋېن جياباۋ: لوپنۇر تراگېدىيىسىنىڭ گەنسۇدا يۈز بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن قۇملىشىش تراگېدىيىسىنى گەنسۇدا يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋېن جياباۋ دۈشەنبە كۈنى يېپىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى جەريانىدا گەنسۇ ۋەكىللىرىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، “ بىز لوپنۇردە يۈز بەرگەن تراگېدىيىنىڭ مىنچىڭ ناھىيىسىدە يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك،” دەپ كۆرسەتكەن.

تۇنجى قېتىم 1964 - يىلى ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان خىتاينىڭ يادرو قوراللار سىناق مەيدانى لوپنۇرغا جايلاشقان ئىدى. لوپنۇر كۆلى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆلىمى 10 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان لوپنۇر كۆلى، ھازىر پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتتى.

1885 - يىلى 12 - دېكابىر لوپنۇردىكى يادرو سىنىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىپلگەنگەن ئىدى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەنسۇنىڭ مىنچىڭ ناھىيىسىدە قۇملىشىش سۈرئىتى يىلىغا 20 مېتىر تېزلىك بىلەن كېڭەيمەكتىكەن.

ۋېن جياباۋ، نۇپۇسى 300 مىڭ ئەتراپىدىكى مىنچىڭ ناھىيىسىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدىن قۇرۇلتايغا قاتناشقان بەزى ۋەكىللەر، قۇملۇشۇش سۈرئىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چىقىدىغان كۆچمەنلەرنى تېزگىنلەشنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)