جاڭ زېمىن، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئايرىلدى
2004.09.19
سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىن ، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى . خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، جاڭ زېمىننىڭ ھەربىي ئىشلار كومېتىتىدىكى ۋەزىپىسىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ ئۆتكۈزىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالى رەھبەرلىك ئورگىنى بولغان مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئىگىللىگەن جاڭ زېمىن ، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقىي ئىشلار ساھەسىدىكى ھوقۇقى ئەڭ زور شەخس ھىساپلىناتتى . جاڭ زېمىن بىلەن خۇ جىڭتاۋ ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا كۈچىيىشكە باشلىغان .
بىراق بۇ قېتىمقى مەركىزى كومېتىت يىغىنى ئارقىلىق خۇ جىڭتاۋ پارتىيە ، دۆلەت ۋە ئارمىيە ھوقۇقىنى كونترول قىلدى . بۇ خىتاي يېڭى ئەۋلات رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى 1949 -يىلى ھاكىمىيەت تارتىۋالغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ھوقۇقنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . جاڭ زېمىن ، 1989 - يىلدىكى تىئانئانمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان . كۈزەتكۈچىلەر ، جاڭ زېمىننىڭ ھوقۇقتىن ئايرىلىشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىياسەت جەھەتتىكى چوڭ ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلماسلىقى مۈمكىن . بىراق بەزى كىچىك ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . خۇ جىڭتاۋ ، جاڭ زېمىننغا قارىغاندا بىر قەدەر موتىدىل دەپ قارىلىدۇ . (ئەركىن)