خىتايدا قۇش زۇكىمى ئۆردەكلەردە بايقالدى

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى پەنيۈ رايونىغا جايلاشقان ئۆردەك فېرمىسىدا تارقالغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى.

خوڭكوڭغا يېقىن جايلاشقان گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ پەنيۈ رايونىدىكى 5 باقمىچىلىق فېرمىسىدا قۇش زۇكىمى تارقىلىپ، ھازىرغا كەلگۈچە 10 مىڭغا يېقىن ئۆردەك ئۆلگەن. ئۆلگەن ئۆردەكلەرنىڭ توقۇلما ئۆرنەكلىرى ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۆلگەن ئۆردەكلەر تېنىدە، كېسەل پەيدا قىلىش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە، خوڭكوڭ سەھىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى جۇ يىيۆنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى كېسەللىك ئەھۋالىنى H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى دەپ بېكىتكەن.

مەزكۇر قۇش زۇكىمىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى باقمىچىلىق فېرمىلىرىدا 14 -سېنتەبىرگىچە 32مىڭ 630 دانە ئۆردەك ئۆلتۈرۈلگەن.

ب ب س نىڭ 17 -سىېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، پەنيۈ رايونىدىكى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان باقمىچىلىق فېرمىسىغا يېقىن جايلاردىن 100 مىڭغا يېقىن ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر بۇ تىپتىكى قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا ۋە ياكى بۇ خىلدىكى ۋىرۇس ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىسا، بۇ خىل ۋىرۇس ئادەمگە تېخىمۇ ئاسان يول بىلەن يۇقىدىغان شەكىلگە ئۆزگىرىپ قالسا، ئاقىۋەتتە مىليونلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ئوي قۇشلىرى ئەڭ كوپ بېقىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، 2003- يىلى H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى خىتايدىن تارقىلىپ دۇنيا بۇيىچە 328 ئادەمگە يۇققان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە 200 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. (جۈمە)