خىتاي جياڭسۇدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ ئادەمدىن ‏- ئادەمگە يۇققانلىقىنى ئىقرار قىلدى

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا بايقالغان جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر ئائىلىدە ئاتا - بالىنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسىدە، ۋىرۇسنىڭ بالىدىن ‏ئاتىغا يۇققانلىقىنى ئىقرار قىلدى. لېكىن ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ‏- ئادەمگە يۇقىدىغان بىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمىي پاكىت تېپىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ چۈنئەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئائىلىدە ۋىرۇسنىڭ بالىدىن ئاتىغا تارقالغانلىقى توغرىسىدا دەسلەپكى ھۆكۈمگە ئىگە بولغان. لېكىن ئۇ، ۋىرۇسنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىغا ئائىت پاكىت يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى. ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە 24 ياشلاردىكى بىر ياشنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇ ياش شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئۆلگەن، لېكىن بۇ ياشنىڭ دادىسى بىر مەزگىل دوختۇرخانىدا يېتىپ چىققان.

ئەينى چاغدا دائىرىلەر لۇ پەمىلىلىك بۇ ئائىلىدە ۋىرۇسنىڭ دادىغا ئوغلىدىن يۇققانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئالدىنقى كۈنى بۇ ۋەقەدە ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغان ئاتا - بالىنىڭ ئۆي قۇشلىرىغا يېقىنلاشمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋىرۇسنى زادى قەيەردىن يۇقتۇرۇۋالغانلىقى يەنىلا ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان شەھىرىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. خىتاي دۆلەتلىك قۇش زۇكام تەجرىبىخانىسى 3 - يانۋار كۈنى تۇرپان ئىدىقۇت يولى ئىش باشقارمىسىدا بايقالغان ۋىرۇسنىڭ H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. يەرلىك دائىرىلەر بولسا ۋىرۇس بايقالغان رايوننى دىزىنپىكسىيە قىلىش، توخۇ بازىرىنى تاقاش ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈش، ئۆي قۇشلىرىغا يېقىنلاشقان ئادەملەرنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، لېكىن ئادەملەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)