خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم چوشقىدا بايقالدى


2004.08.20

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايدىكى چوشقىلاردا بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خاربىندىكى خىتاي دۆلەتلىك زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى چېن خۇئالەن ، قۇش زۇكامى ۋە سارس كېسىلى توغرىسىدىكى بىر قېتىملىق خەلقئارا يىغىندا سۆز قىلىپ ، خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەر نەتىجىسىدە قۇش زۇكامىنىڭ چوشقىدا بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تەجرىبىنىڭ 2003 ۋە 2004 - يىللىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن چېن خۇئالەن ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار ئۈستىدە ئىلگىرىلەپ توختالمىدى . ئۇ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي يىغىندا جاكارلىغان . خىتاي دائىرلىرى بولسا ھازىرغىچە قانچىلىك چوشقىنىڭ قۇش زۇكامىدىن يۇقۇملانغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلمىغان.

چېن خۇئالەننىڭ مەلۇماتىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى ، قۇش زۇكامىنىڭ تۇنجى چوشقىدا بايقالغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغانلىقىنى ، بىراق بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ، قۇش زۇكامىنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك تارقىلىش ئېھتىماللىقىدىن قايغۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھازىرغىچە قۇش زۇكامىنىڭ چوشقىغا قانداق يۇققانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، چوشقىلار ھەم قۇش زۇكامى ھەم ئادەمدىكى زۇكام ۋىرۇسلىرىنى ئۆزىدە ئېلىپ يۈرۈش جەريانىدا ، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك تۈرلىرىنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن ئىكەن.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.