ئىچكى موڭغۇلدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى


2005.10.19

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلدا H5N1 تىپلىق خەتەرلىك قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقىلىپ، 2600 دىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ قۇش زۇكىمىنى ئېنىقلاش تەجرىبىخانىسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر فېرمىدا،H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقىلىپ، 2600 دىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنىڭ بۇ كېسەلدىن ئۆلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار ھازىر قۇش زۇكىمى تارقالغان فېرمىنى پىچەتلەپ تەكشۈرۈپ ، كېسەلنى كونترول قىلغان ئىكەن.

ئەمما خەۋەردە، قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ قاچان تارقالغانلىقى، قانداق خىلدىكى ئۆي قۇشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

بۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا چىڭخەيدە ئالتە مىڭدىن ئارتۇق قۇش قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن. ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردىكىمۇ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە باشقا رايونلاردا نەچچە ئون كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇش زۇكىمى ھازىر رۇسىيە، تۈركىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ كۆرۈلگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىلگىرى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئىنسانلار ئىچىدە تارقىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل قۇش زۇكىمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئاپەت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ئارىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى بىر باياناتچىسى، خىتاينىڭ قۇش زۇكىمىغا دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئادەملەر ۋە باشقا ئۆي قۇشلىرىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.