دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر فېرمىدا H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن 2600 دىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى باياناتچىسى، "بىز بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. چۈنكى ھەر قانداق يېڭى جايدا، يېڭى كېسەللىك ئەھۋاللىرىنىڭ بايقىلىشى، ئادەملەرنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى كۆپەيتىدۇ" دېدى.
خىتاي دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشىچە، ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى كۆكخوت شەھىرى ئەتراپىدا تارالغان قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 90 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنى ئۆلتۈرگەن.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى گەرچە ئىلگىرى كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوچۇق- ئاشكارا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئىچكى موڭغۇلدىكى سەھىيە ۋە يېزا- ئىگىلىك دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى زىيارەتلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماقتا.
بۇ ئارىدا، تەيۋەن چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى يېقىندا قولغا چۈشۈرگەن خىتايدىن ئەتكەس قىلىنغان ئۆي قۇشلىرى ئارىسىدىمۇ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنى بايقىغان.
رۇسىيىدە بولسا، موسكۋا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر رايوندا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، موسكۋا شەھەر باشلىقى خەلقنى چۆچۈپ كەتمەسلىككە چاقىردى ھەمدە پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، بۇ رايوندىكى توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى گۆشلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)