‎ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىكى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە ‎قىلماقتا

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن ‎ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ‎كۆكخوت شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر فېرمىدا ‎H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ‎ۋە بۇ سەۋەبتىن 2600 دىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ‎

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى باياناتچىسى، "بىز بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل ‎بۆلۈۋاتىمىز. چۈنكى ھەر قانداق يېڭى جايدا، يېڭى كېسەللىك ئەھۋاللىرىنىڭ بايقىلىشى، ‎ئادەملەرنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى كۆپەيتىدۇ" دېدى. ‎

‎ خىتاي دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشىچە، ‎ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى كۆكخوت شەھىرى ئەتراپىدا تارالغان قۇش زۇكىمىنىڭ ‎تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 90 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنى ئۆلتۈرگەن. ‎

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى گەرچە ئىلگىرى كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوچۇق- ئاشكارا ‎ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئىچكى موڭغۇلدىكى سەھىيە ۋە يېزا- ئىگىلىك ‎دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى زىيارەتلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماقتا. ‎

‎ بۇ ئارىدا، تەيۋەن چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى يېقىندا ‎قولغا چۈشۈرگەن خىتايدىن ئەتكەس قىلىنغان ئۆي قۇشلىرى ئارىسىدىمۇ ‎ H5N1 ‎ تىپلىق قۇش ‎زۇكىمى ۋىرۇسىنى بايقىغان. ‎

‎ رۇسىيىدە بولسا، موسكۋا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر رايوندا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ‎بايقالغاندىن كېيىن، موسكۋا شەھەر باشلىقى خەلقنى چۆچۈپ كەتمەسلىككە چاقىردى ‎ھەمدە پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، بۇ رايوندىكى توخۇ، ئۆردەك، غاز ‎قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى گۆشلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ‎‎(ئارزۇ)‎