خىتاي، قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېگرىنى تاقىشى مۇمكىن
2005.10.23
خىتاينىڭ سەھىيە ئەمەلدارلىرى يەكشەنبە كۈنى، ناۋادا خىتايدا قۇش زۇكىمى ئادەملەردە بايقىلىپلا قالسا، ئۇ چاغدا خىتاينىڭ چېگرىنى ۋاقىتلىق تاقىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى يەنە، چېگرىنى تاقاشنىڭ خىتايغا نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئەجەللىك قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قۇش زۇكىمى ئەگەر ئادەملەرگە يۇقۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تارقىلىپ كەتسە، گەرچە دەرىجىسى ئېغىر بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقىدىكەن.
خوڭكوڭ دائىرىلىرىمۇ ئۆتكەن ھەپتە، ئەگەر بۇ كېسەل ئادەملەردە بايقالسا، خوڭكوڭنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئۆتۈش پونكىتلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ئەنگلىيىدىكى بىر گېزىتتە، بۇ خىلدىكى ئۇسۇلنىڭ پەقەت بۇ خەتەرلىك ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتە كەينىگە كېچىكتۈرۈش رولىنىلا ئوينايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىكى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- ئىچكى موڭغۇلدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى
- مۇتەخەسسىسلەر: چىڭخەيدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى زور
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، قۇش زۇكىمىنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا