قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقالغان خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى شىياڭتەن ناھىيىسىدە بىر قىزنىڭ كېسەل تەككەن توخۇ گۆشى يىگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىزنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خېنەن شىياڭتەن ناھىيىسىنىڭ ۋەنتاڭ يېزىسىدا ئالدىنقى كۈنى H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىروسى بايقىلىپ، پۈتۈن يېزا قامال قىلىنغان. مەزكۇر يېزىدىكى بىر دېھقاننىڭ يىگىرمىدىن ئارتۇق توخۇ ئۆدىكى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلىكى گۇمان قىلىنغان. بۇ دېھقاننىڭ ئوغلى ۋە قىزى كىسەل تېگىپ ئۆلگەن توخۇ گۆشىنى يىگەندىن كېيىن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، 12 ياشلىق قىزى چاڭشا دوختۇرخانىسىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
خۇنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، بۇ ئىككى بالىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە شىياڭتەن ناھىيىسىدە پەقەت قۇشلارنىڭلا قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئادەملەرگە يۇقۇش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇ ئارىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئۇلارنىڭ ھازىرچە خىتايدا ئادەمنىڭ قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەڭ ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)