خىتاي ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھايۋانلارنى ئىستىمال قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى

خىتاي يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، نامەلۇم سەۋەبتىن ئۆلگەن ھايۋانلارنى سېتىش، توشۇش ۋە ئىستىمال قىلىشنى چەكلىدى ھەمدە قۇشلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلگەنلىك ئەھۋاللىرىنى مەلۇم قىلغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇل، ئەنخۈي ۋە خۇنەن قاتارلىق جايلاردا قۇش زۇكىمى ۋىروسى بايقىلىپ، تەخمىنەن تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشلىرى ئۆلگەن.

خۇنەن ئۆلكىسىدىكى قۇش زۇكىمى تارقالغان رايۇندا 12 ياشلىق بىر قىز يەنە كىسەل تەككەن توخۇنى يېگەندىن كېيىن ئۆلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قىزنى قۇش زۇكىمىدىن ئەمەس، ئۆپكە كېسىلىدىن ئۆلگەن دەپ بىلدۈرگەن.

ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ، بۇ قىزنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە تېخى يەكۈن چىقىرىشنىڭ بالدۇرلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئالاقىدار مۇتەخەسىسلىرىنى خىتايغا ئەۋەتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ تەكلىپ ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانمىدى.

2003 - يىلى قۇش زۇكام ۋىروسى ئاسىيادا تارقالغاندىن بېرى، 60 تىن ئارتۇق كىشى بۇ كىسەلدىن ئۆلدى. (ئارزۇ)