خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم بىلەن قۇش زۇكىمىغا تاقابىل تۇرماقچى

خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە قۇش زۇكىمى كېسىلى بايقالغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى قۇش زۇكىمى كېسىلى ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان جىنجوۋ شەھىرىگە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ، بۇ كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئىشلىرىغا سالدى.

بۇنىڭدىن 10 كۈن ئاۋال جىنجوۋ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەردە قۇش زۇكىمى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ رايوندا ھازىرغىچە نەچچە مىليون توخۇ ئۆلتۈرۈلۈپ بولدى. خىتاي دائىرىلىرى گەرچە ھازىرغىچە بۇ كېسەلنىڭ ئادەملەردە بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەكشەنبە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى خۇنەندىكى 3 بىمارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تەكلىپ قىلدى.

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىمۇ قۇش زۇكىمىنىڭ تەھدىتىگە ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى. خىتايدا ئۆتكەنكى 3 ھەپتە ئىچىدىلا خۇنەن ۋە لياۋنىڭلاردىن سىرت يەنە، ئەنخۈي ۋە ئىچكى موڭغول رايونلىرىدىمۇ بۇ كېسەللىك بايقالغان.

قۇش زۇكىمى كېسىلى دەسلەپ ئاسىيادا بايقالغان بولۇپ، بۇ ھازىر تېزىدىنلا ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغىچە تارالدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر ھازىر بۇ كېسەلنىڭ ئىنسانلارغا يۇقىشىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلماقتا. ئۆتكەن يىلىدىكى قۇش زۇكىمى ئاپىتىدە ئاسىيا رايونىدا ئاز دېگەندە 60 كىشى بۇ كېسەل بىلەن قازا قىلغان ئىدى. (پەرىدە)