خىتايدا قۇش زۇكىمى تارقالماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنخۇي، خۇنەن، لياۋنىڭ ئۆلكىلىرى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا قۇش زۇكىمى كېسەللىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى توخۇ، ئۆردەك ۋە قۇش سېتىلىدىغان پۈتۈن بازارلارنى تاقىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا، توخۇ، ئۆردەك ۋە قۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېيجىڭغا كىرىشىنى چەكلىگەن ھەمدە ھۆكۈمەت قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىككى مىليارد يۇئەن پۇل ئاجراتقان. بۇ ئارىدا خىتاي سەھىيە مىنىستىرى گاۋ چياڭ دۈشەنبە كۈنى، قۇش زۇكىمىغا قارشى كۈرەشنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كېسەللىك بايقالغاندا ئالاقىدار ئورگانلارنى دەرھال خەۋەردار قىلىشقا چاقىردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيادىكى كۆچمەن قۇشلار ئۆتىدىغان ئۈچ چوڭ يول خىتايدىن ئۆتىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان كۆچمەن قۇشلار تەرىپىدىن تارقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (قانات)