خىتايدا يەنە قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
2005.11.11
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى بويىچە ئۈچ يەردە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لياۋنىڭدا بىر ئايال بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۈمكىن، دەپ قارالماقتا. بۇ 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى لياۋنىڭدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغاندىن بېرى، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ بۇ رايوندا 4 - قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
دائىرىلەر، بۇ رايوندا 116 كىشىنى كۆزىتىش ئاستىغا ئالغان. ھازىرچە خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن رەسمىي يۇقۇملانغانلار 4، دەپ ئېلان قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 12 ياشلاردىكى خۇنەنلىك بىر قىز ئۆلگەن. خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپتە بۇ قىزنىڭ ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنرەك قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، لياۋنىڭدا ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغان، دەپ گۇمان قىلىنىۋاتقان ئايالنىڭ ئېغىر ئۆپكە كېسىلىگە گرىپدار بولغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرى ئائىلە قۇشلىرى بىلەن زىچ ئۇچراشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەپتە ئاخىرى خۇنەندىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى كېسەللىكىنىڭ ئۆلگىسىنى تەكشۈرىدۇ. ئۇلار يەنە لياۋنىڭدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشىن شەھىرىنىڭ چاۋياڭسى كەنتى ۋە جىنجو شەھىرىنىڭ دالىڭ كەنتلىرىدە نۇرغۇن توخۇلار H5N1 تىپلىق ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەن. باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى "جىددىي رىقابەتكە دۇچ كەلدى" دىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ۋادىيە، " بۇ شۈبھىسىزكى ، زور پارتلاش" دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا قۇش زۇكىمى تارقالماقتا
- خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم بىلەن قۇش زۇكىمىغا تاقابىل تۇرماقچى
- پرېزىدېنت بۇش دۆلەت مەجلىسىنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى مەبلەغ ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھايۋانلارنى ئىستىمال قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى
- ب د ت خىتاينىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدى