خىتايدا 3 كىشىنىڭ قۇش زۇكىمىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى


2005.11.16

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى چارشەنبە كۈنى 3 كىشىنىڭ قۇش زۇكىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېنىقلىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىسى خېنەنلىك، بىرى ئەنخۈيلىك بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان 9 ياشلىق خېنەنلىك بىر بالىنىڭ ھەدىسى ئۆتكەن ئايدا قۇش زۇكىمى كېسىلىگە ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي كەلدى.

شۇنداقلا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئۇنىڭدا باشقا ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلمىگەن. نۆۋەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بۇ قىزنىڭ ئۆلۈم ئەھۋالى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ھەمدە بۇ يەردىكى باشقا كىشىلەرنىڭمۇ قۇش زۇكىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشماقتا.

بۇنىڭ ئالدىدا، قۇش زۇكىمى كېسىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پوسكام ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىلىرىدىمۇ بايقالغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ رايوندا ھازىرغىچە 320 مىڭدىن ئوشۇق توخۇ ئۆلتۈرۈلگەن. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئادەملەردە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسنىڭ بايقالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.