خىتايدا ئادەملەرنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسىدىن يەنە بىرى بايقالدى


2005.12.08

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى خېيشەن ناھىيىسىدە 31 ياشلاردىكى بىر ئايالنىڭ ئۆلۈك قۇشلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسىدىن ئادەملەر يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ 5 - قېتىم بايقىلىشىدۇر.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە "سەھىيە مىنىستىرلىقى لياۋنىڭ ئۆلكىسى خېيشەن ناھىيىسىدە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىر ئايالنىڭ ھ5ن1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى" دەپ يازغان.

خىتايدا ھازىرغىچە ئىككى ئادەم قۇش زۇكام ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى خىتايدا سارس ۋىرۇسى تارقىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى يوشۇرماي ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھازىرغا قەدەر 31 يەردە بايقالدى. بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوسكام ناھىيىسىدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جايدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش ۋە قامال قىلىشنى بىكار قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بايقالغان قۇش زۇكام ۋىرۇسى ۋەقەلىرىنى كەڭ - كۆلەمدە خەۋەر قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.