خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 6 - كىشى بايقالدى
2005.12.16
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا جياڭشى ئۆلكىسى سۈيچۈئەن ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسىدىكى غازلاردا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقى مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر يېزىدا 35 ياشلاردىكى بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.
بۇ ھازىرغىچە خىتايدا ئادەملەر قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ 6 - قېتىم يۈز بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ئايدا ئەنخۇيلۇق ئىككى خىتاي پۇقراسىمۇ مەزكۇر ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلگەن. لياۋنىڭ، خۇنەن ۋە گۇئاڭشى قاتارلىق جايلاردا ئادەملەرنىڭ مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى جياڭشىدا بايقالغان كېسەللىك توغرىسىدا تەپسىلى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قۇش زۇكام ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان كىشى بىلەن يېقىن ئالاقە قىلغان 91 كىشىنىڭ كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بويىچە قۇش ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بايقالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، نازارەت ۋە تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دائىرىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئاخىرقى قېتىم كۈنەسنىڭ بەش تۆپە يېزىسىدا بايقالغاندىن بېرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زۇكام ۋىرۇسى ھازىرغىچە قايتا بايقالمىدى. ئەمما يېقىندا خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى قۇش زۇكام ۋىرۇسى ۋەقەلىرىنى يەنە يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر جياڭشىدىكى زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان يېزىنىڭ كىرىش- چىقىش ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، يېزىغا كىرىپ - چىققان پۇقرالار ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرمەكتىكەن. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باش مال دوختۇرى جيا يولىڭ، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ چاغان مەزگىلىدە قايتا پارتلاش ئېھتىمالى زور، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
- خىتايدا ئادەملەرنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسىدىن يەنە بىرى بايقالدى
- خىتايدا يەنە بىر كىشى قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلدى
- خىتايدىكى ئىككى جايدا يەنە يېڭىدىن قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى
- خىتايدا 3 كىشىنىڭ قۇش زۇكىمىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى