سىچۈەندە يېڭىدىن قۇش زۇكامى بايقالدى


2006.01.04

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىسىتىرلىقى چارشەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ داجۇ ناھىيىسىدە يېڭىدىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتايدا بۇ يىل جەمئىي 26 قېتىم قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بايقالدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22‏-دېكابىر كۈنى داجۇدىكى بىر فېرمىدا 1800 دانە ئۆي قۇشى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە بۇلاردا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان. شۇ سەۋەبتىن ھازىر بۇ فېرما كارانتىن قىلىنىپ، بۇ يەرگە يېقىن جايلاردىن بولۇپ 13 مىڭغا يېقىن ئۆي قۇشى ئۆلتۈرۈلدى.

خوڭكوڭ دائىرىلىرىمۇ بۇ خەۋەر ئېنىقلانغاندىن كېيىن دەرھاللا سىچۈەندىن ئۆي قۇشلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى. ئەمما سەھىيە ئورۇنلىرى خىتاينىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ داۋاملىق تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. چۈنكى بۇ مەزگىلدە ئۆي قۇشلىرى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىدۇ.

قۇش زۇكام كېسىلى ئادەملەردىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتايدا بۇ يىل 7 كىشى قۇش زۇكىمى كېسىلى بىلەن قازا قىلدى. ئۆتكەن يىلى بولسا بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەر 40 تىن ئاشقان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.