خىتايدا يەنە قۇش زۇكىمى بايقالدى


2006.01.09

خىتاي ھۆكۈمىتى 9‏- يانۋار كۈنى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە ئالتە ياشتىكى بىر كىچىك بالىدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خىتايدا قۇش زۇكىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 8‏- ئادەم ھېسابلىنىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوياڭ فامىلىلىك مەزكۇر بالا 24‏- دېكابىر كۈنى قۇش زۇكىمى كېسەللىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

2005‏- يىلىنىڭ باشلىرىدىن بېرى خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە 30 قېتىمدىن كۆپرەك قۇش زۇكىمى كېسەللىكى بايقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۈچ كىشى بۇ كېسەللكتىن ئۆلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قۇش زۇكىمى كېسەللىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بىرى، ئاسىيادا 70 دىن ئارتۇق ئادەم مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولۇپ، ۋېيتنام قۇش زۇكىمى كېسەللىكى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى جەھەتتىن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خىتايدا قۇش زۇكىمى ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاز جان ئالغان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئىپتىدائى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى ھەمدە كىشىلەر بىلەن ھايۋانلار ئارىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن، خىتاي يەنىلا بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق كېلىپ چىقىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.