9-يانۋار كۈنى تۈركىيە سەھىيە مىنسىتىرلىقى خادىملىرى، تۈركىيىنىڭ شەرقىي رايونىدا بايقالغان قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي رايونلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ۋە تىجارەت مەركىزى ھەمدە ئاسىيانى ياۋروپاغا باغلايدىغان ئاساسلىق پورت ھېسابلانغان ئىستانبۇل شەھىرىدە 23 كىشى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دېگەن گۇمان بىلەن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 13 ى كىچىك بالىلار ئىكەن.
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى، تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە ئۈچ كىشىدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ ياۋروپانىڭ ئىشىكى دەپ ئاتالغان 12 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىستانبۇل شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. چۈنكى بۇ كېسەللىكنىڭ ئىستانبۇلدا ئوتتۇرىغا چىقىشى، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىپ، چوڭ بىر ئاپەتكە ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى پەيدا قىلماقتا.
ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىنىڭ شەرقىي رايونىدا بىر ئائىلىنىڭ ئۈچ بالىسى قۇش زۇكىمى كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئىدى. (قانات)