خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى گۇيياڭ ناھىيىسىدە 6 ياشلاردىكى بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆسمۈر بالىنىڭ كېسىلى ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قوزغالغان بولۇپ، بالىدا كېسەل بايقىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بەزى ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىكەن.
جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى، ئۆسمۈر بالىنىڭ ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى، خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىمار بالا بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەرنى كۆزىتىش ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىمار بالىنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئاغرىغانلىقىنى مۇئايەنلەشتۈرسە، بۇ خىتايدا ئادەملەرنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ 8 - قېتىم يۈز بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 2003 -يىلدىن بېرى خىتاي بويىچە 3 ئادەم مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىپ ئۆلدى. (ئەركىن)