خىتايدا يەنە 2 كىشى قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلدى
2006.01.11
خىتايدا قازا قىلغان ئىككى كىشىنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى خىتايدا 5 كە، دۇنيا بويىچە 78 گە يەتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلغان بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى گۇاڭشىدىكى 10 ياشلىق بىر قىز، يەنە بىرى جياڭشى ئۆلكىسىدىكى 35 ياشلىق بىر كىشى ئىكەن. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە گۇيجۇ ئۆلكىسىدە قۇش زۇكام كېسىلى بايقالغان 42 مىڭدىن ئوشۇق بۆدۈنىنى ئۆلتۈرۈپ بولغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تور بېتىدە، قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قۇش زۇكىمى بولغان قۇشلار بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىنى ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى بۇ كېسەل ئادەملەرگە يۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىشى تېخىمۇ ئاسان بولىدىكەن.
تۈركىيىدىكى قۇش زۇكام ئەھۋالىمۇ تۈركىيىنىڭ قوشنا ئەللىرى ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، تۈركىيە سەھىيە خادىملىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق مەسچىتلەرگىچە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئېھتىيات قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى. (پەرىدە)