خىتايدا يەنە قۇش زۇكىمى بىمارى بايقالدى


2006.01.23

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى 23 ‏- يانۋار كۈنى سىچۈئەن ئۆلكىسى جىنخۇئا شەھىرىدە 29 ياشتىكى ساۋ فامىلىلىك بىر ئايالدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى.

ساۋ خىتايدا قۇش زۇكىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 10‏- كىشى ھېسابلىنىدۇ. سىچۈئەندە بۇ ئاي ئىچىدە يەنە بىر ئايال قۇش زۇكىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، 11‏- يانۋار كۈنى قازا قىلغان ئىدى.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساۋ 12‏-يانۋار كۈنى قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان بولۇپ،تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئۇنىڭ قۇش زۇكىمىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان. ھازىرغىچە، خىتايدا قۇش زۇكىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان 10 كىشىنىڭ 6 سى قازا قىلدى.

قۇش زۇكىمى كېسەللىكىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى،ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە خىتاي يېڭى يىلىنىڭ كېلىشى بىلەن خىتاي يەنە قۇش زۇكىمى كېسەللىكى تەھدىتىگە ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۈي لىياڭيۈ قۇش زۇكىمى مۇتەخەسسىسلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يېڭى يىلدا نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەتكە چىقىدۇ ھەمدە ئەنئەنە بويىچە توخۇ ۋە قۇش گۆشى يەيدۇ. شۇڭا بۇ قۇش زۇكىمى كۆپرەك بايقىلىدىغان بىر پەسىل ھېسابلىنىدۇ، دېدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.