خىتايدا يەنە بىر ئايال قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلدى


2006.01.25

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىدە بىر ئايالنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتايدا ھازىرغىچە 7 كىشى بۇ كېسەل ئۆلگەن.

29 ياشلىق بۇ ئايال خىتايدا قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان 10 بىمارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 23‏-يانۋار كۈنى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي چېڭدۇدا قازا قىلغان. خىتايدا قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ كۈپۈنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىرغىچە چېڭدۇ شەھىرىدە ھېچقانداق قۇشلاردا بۇ كېسەل بايقالمىغان. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار نۆۋەتتە چېڭدونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇش فېرمىلىرىدا تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا.

2003‏- يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر، قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەدە بولۇپ جەمئىي 80 نەچچە كىشى قازا قىلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.