خىتايدا يەنە قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقالدى
2006.02.08
يېقىندا يەنە خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە يېڭىدىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقىلىپ، ئاز دېگەندە 200 مىڭغا يېقىن ئۆي قۇشى ئۆلتۈرۈلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى شەنشىنىڭ ياڭچۈەن شەھىرىدىكى توخۇ فېرمىسىدا تارالغان قۇش زۇكام ئەھۋالىنىڭ 7-فېۋرالغىچە ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىۋېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ فېرمىدا 2- فېۋرال كۈنى 1500 دانە توخۇ ئۆلۈپ قالغان. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ توخۇلاردا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان.
بۇ خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ باھار بايرىمىدىن بۇيان كۆرۈلگەن تۇنجى قېتىملىق تارقىلىش ئەھۋالى بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا 1-ئاينىڭ 10- كۈنى گۇيجۇ ئۆلكىسىدە بايقالغان ئىدى.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئافرىقىنىڭ نىگېرىيە دۆلىتىدىمۇ بايقالغان. بۇ، قۇش زۇكام كېسىلىنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە تۇنجى قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پارىژدىكى دۇنيا ھايۋانلار سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نىگېرىيە دائىرىلىرى ھازىر بۇ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان توخۇ فېرمىسىنى كارانتىن ئاستىغا ئېلىپ دېزىنفىكسىيە قىلماقتا ئىكەن.
2003- يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، قۇش زۇكام كېسىلى سەۋەبىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، خىتاي ۋە تۈركىيىدىن بولۇپ 85 كىشى بۇ كېسەل بىلەن قازا قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىشىچان ۋىرۇس زەررىچىلىرىگە ئۆزگىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (پەرىدە)