قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن يەنە بىر نەچچە كىشى قازا قىلدى
2006.02.09
رويېترس ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى نېگىرىيىدە ئىككى كىشىنىڭ قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. چارشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە، خىتاينىڭ فۇجىيەن ئۆلكىسى ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان بىر قانچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، بۇ يىل خىتايدا 11 كىشىنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ھىندونېزىيىنىڭ سەھىيە خادىمىمۇ ھازىرغا قەدەر 24 ئادەمنىڭ H5N1 دەپ ئاتىلىدىغان، مەزكۈر قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 7 ئادەمنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ ئارىدا يەنە، ئافرىقىدا 40 مىڭ ئۆي قۇشىنىڭ، قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
2003 - يىلىدىن بۇيان قۇش زۇكىمى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، خىتاي ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا 88 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. (ئەقىدە)