خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئايال ئۆلدى


2006.02.10

بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئايال مەزكۇر ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 8 گە يەتكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قۇش زۇكام ۋىرۇسى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا ياشايدىغان قۇشلاردا بايقالمىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدە خىمىيىلىك ئۆزگىرىش ياساپ، ئادەمدىن‏- ئادەمگە يۇقىدىغان بىر خىل ۋىرۇس تىپىغا ئايلىنىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆلگۈچى زۇكام ۋىرۇسىنى ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرىدىن يۇقتۇرۇۋالغان بولۇشى مۈمكىن، دەپ گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا بۇ قېتىم ئۆلگەن خىتاي پۇقراسى 20 ياشلاردىكى بىر قىز بولۇپ، ئۇ خۇنەننىڭ سۈينىڭ كەنتىدە ياشايدىغان بىر دېھقان ئىكەن. خىتاينىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىخانىسى، ئۆلگۈچىنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۆلگۈچى قىزدا 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالغاندىن كېيىن ، ئۇ 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۆلگەن. بۇ خىتايدا مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە زۇكام ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەن 2- ئادەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆتكەن چارشەنبە خىتايدا 26 ياشلىق بىر ئايالنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەمما ئۆلگۈچى ياشايدىغان رايوندىكى قۇشلاردا زۇكام ۋىرۇسى بايقالمىغان ئىدى. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ چۈنئەن، سۈينىڭ ناھىيىسىدە ئۆلگەن قىز ھەققىدە توختۇلۇپ، " مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بۇ ۋەقەگە ئۆلگۈچىنىڭ زۇكام ۋىرۇسىنى ئەتراپدىكى ئۆلگەن توخۇلاردىن يۇقتۇرۇۋالغانلىقى سەۋەبچى بولغان "دەيدۇ. ئەمما ئۇ، بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھازىرچە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش قاناللىرىغا دائىر تەپسىلى ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن يىلى -10 ئايدىن بېرى ، خىتاي بويىچە 12 يەردە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى. سەنشىنىڭ ياڭچۈەن ناھىيىسىدە 35 نەپەر دېھقان كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.