خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى: جۇڭگودا قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك پارتلاش مۈمكىنچىلىكى زور
2006.02.27
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى دۇ چىڭلىن، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىغاندا قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ جۇڭگودا كەڭ كۆلەملىك پارتلاش مۈمكىنچىلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. دۇ چىڭلىن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرىپ، تەكشۈرۈش ۋە ئىممۇنىتلاشنى كۈچەيتىشكە ئۈندىگەن.
بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى خىاينىڭ جېجياڭ ۋە ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدە ئادەملەرنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرى يەنە بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي بويىچە ئادەملەرنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىش ۋەقەسى 14 كە يېتىپ، جەمئىي 8 ئادەم مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن بولدى. 2003 - يىلدىن بېرى دۇنيا بويىچە مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر 90 يېتىپ بارغان.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىشىچە، جېجياڭدا بايقالغان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىمار 9 ياشلاردىكى بىر قىز ئۆسمۈر ئىكەن. ئۇنىڭ كېسىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تۇيۇقسىز قوزغالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ئىككى قېتىم ئەنخۇيدىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئوينىغان بولۇپ، ئۇ بارغان بۇ جاي ئىلگىرى ئۆي قۇشلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ۋەقئەلىرى يۈز بەرگەن رايون ئىدى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، بىمار قىزنىڭ كېسىلى جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەجرىبىخانىسى تەرىپىدىن H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسى، دەپ دىاگنوز قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھازىرغا قەدەر خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بايقالغان جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە دۇ چىڭلىن ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ خىتاي بويىچە كەڭ كۆلەملىك پارتلاش مۈمكىنچىلىكى زور، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، قايسى رايونلاردا پارتلاش مۈمكىنچىلىكى ئېغىرلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاپتونوم رايون بويىچە قۇش قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان 9 جايدىكى كۆزىتىش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىرغىچە ئادەملەرنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسى بايقالمىغان. (ئەركىن)