خىتاي قۇش زۇكام ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشە سالماقتا


2006.03.29

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا قۇش زۇكام كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر ئايدىن بۇيان خىتايدا بىر قانچە كىشىنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلىشى كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىغا بولغان گۇمانىنى قوزغىدى.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلسىمۇ، قەستەن دوكلات قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئۇلار ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇش زۇكىمى ئەھۋالىنىڭ تارقىلىشىغا بولغان تەكشۈرۈشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن .

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ياخشى ئالغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن ئايدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 32 ياشلىق بىر ئەر ھەمدە شاڭخەيدە 29 ياشلىق بىر ئايال قۇش زۇكىمى كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىدىن ئەندىشە قىلىدىغىنى قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىپ كېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2003‏- يىلى قۇش زۇكىمى دەسلەپ بايقىلىپ ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا 185 كىشى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، 105 كىشى قازا قىلغان. ھازىر بۇ زۇكام ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىن تارتىپ ئافرىقىغىچە تارالدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.