خىتايدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن بىر ئادەم ۋە ئىككى دانە ياۋا قۇش ئۆلدى


2006.04.20

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ۋۇ خەندىكى بىر كارخانىنىڭ 21 ياشلىق ئامانلىق قوغدىغۇچىسى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 19 ‏- ئاپرىل كۈنى قازا قىلغان.

دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ، مەزكۈر بىمارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئۇنىڭدا ئۆپكە كېسەللىكىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بايقالغان.

بۇ ئارىدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى، ئىككى دانە ياۋا قۇشتىن قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنى بايقىغان.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بىر مۈددەت جىمىپ قالغان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ قايتا مەيدانغا كېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشۈپ، خۇبېي ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى 11 ‏- ئايدىن بېرى ھازىرغا قەدەر خىتايدا 12 ئادەم قۇش زۇكۇمى سەۋەبىدىن ئۆلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.