خىتاينىڭ غەرب تەرەپتىكى چەت رايونلىرىدا يېڭىدىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقالغان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ غەرب تەرەپتىكى چەت رايونلىرىدا كونترول قىلىش قىيىنغا چۈشىدىغان بىر خىل قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقالغان.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىسىتىرلىقى جۈمە كۈنى، چىڭخەي ئۆلكىسىدە ئۇچۇپ يۈرگەن 125 ياۋايى قۇشنىڭ ئىچىدىكى 2 غازدىن باشقىسى 23 ‏- ئاپرىل كۈنى بىراقلا ئۆلگەنلىكىنى؛ 3 ‏- ماي كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ لابراتورلىرىدا بۇ قۇشلارنىڭ خ 5 ن 1 بەلگىلىك قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېمەكلىك ۋە تېرىقچىلىق ئورگىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىلى ناۋرىددىن مونا " ئۇچۇپ يۈرىدىغان ياۋايى قۇشلارنى كونترول قىلىش قېيىن، شۇڭلاشقا ھەممە دۆلەتلەر بۇنداق ۋەقەدىن ھۇشيار تۇرۇشى كېرەك" دېگەن.

كاندالىزا رايس: ئەركىن دۆلەتلەر نەشرىيات ئەركىنىلىكىنى چەكلەيدىغان 5 دۆلەتكە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىشى لازىم، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندالىزا رايس ئەركىن دۆلەتلەر نەشرىيات ئەركىنىلىكىنى چەكلەيدىغان خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 دۆلەتكە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىشى لازىم، دېگەن. (ۋەلى)