تىبەت ۋە چىڭخەيدە قۇش زۇكىمى بايقالدى
2006.05.24
چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تىبەت ۋە چىڭخەي رايونلىرىدا يېڭىدىن قۇش زۇكىمى بايقالدى. مۇشۇنىڭ بىلەن خىتايدا بۇ بىر ئاي ئىچىدە 4 قېتىم قۇش زۇكىمى تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يېقىنقى بۇ قۇش زۇكام ئەھۋالى تىبەتنىڭ ناچۇ رايونى بىلەن چىڭخەينىڭ گولو تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا بايقالغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ يەردىكى نەچچە يۈز غاز ئۆلگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايوننىڭ نوپۇسى شالاڭ بولغاچقا، بۇ يەردىكى قۇش زۇكام ئەھۋالىنى كونترول قىلىشنىڭ ئۇنچىلىك تەسكە چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇشى بولۇپ، خىتايدا ھازىرغىچە 18 كىشىدە قۇش زۇكام كېسىلى بايقىلىپ، 12 سى ئۆلگەن. قۇش زۇكام كېسىلى دەسلەپ 2003- يىلى ئاسىيادىن باشلاپ تارالغان ھەمدە ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە 120 كىشى قۇش زۇكام كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.
مۇتەخەسسىسلەر ئەجەللىك قۇش زۇكام كېسىلىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملۇق كېسەل ئاپىتىنى پەيدا قىلىپ، ئىنسانلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (پەرىدە)