خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى شىنجىن شەھىرىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بىر كىشىنىڭ سالامەتلىكى نازۇك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. شىنجىن بىلەن چېگرىلىنىدىغان خوڭكوڭ جۈمە كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن توخۇ ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجىندا ياشايدىغان بۇ يىل 31 ياشتىكى بىر ماشىنا شوپۇرىنىڭ 9- ئىيۇن كۈنى جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كونترول قىلىش مەركىزى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، H5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. بۇ كىشى خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى يۇقتۇرۇلۋالغان 19 - كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بويىچە ھازىرغىچە 12 ئادەم بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلدى. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن خوڭكوڭ جۈمە كۈندىن باشلاپ 3 ھەپتىگىچە خىتاي چوڭقۇرۇقلۇقىدىن توخۇ ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان.
شىنجىن شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى بىمار بىلەن ئۇچراشقان 98 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ۋە سالامەتلىك سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە بايقالغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بايقالغان رايون بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە رايوندا ئادەملەرنىڭ يۇقۇملىنىش ۋەقەسى بايقالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. قۇش زۇكام ۋىرۇسى 2003 -يىلى ئاسيادا بايقالغاندىن بېرى دۇنيا بويىچە 128 ئادەم مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن. (ئەركىن)