نىڭشا رايونىدا جانغا زامىن قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسى بايقالدى
2006.07.03
خىتاي دائىرىلىرى 3 - ئىيۇل كۈنى، خىتاينىڭ غەربىدىكى نىڭشا رايونىدا قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئارىدا خىتاي دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى، مۇتەخەسىسلەردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپىنى ۋىرۇس بايقالغان رايونغا ئەۋەتىپ، ۋىرۇس تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئىشلەش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت قۇش زۇكۇمى تەجىربىخانىسى 29 - ئىيۇن كۈنى نىڭشادا قۇش زۇكۇمى دەپ گۇمان قىلغان قۇشنى تەجىربە قىلىپ، ئۇنىڭدا H5 N1 تىپلىق ۋىرۇس بايقىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.
ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ 10 نەچچە ئۆلكىسىدە ئۇچار قۇش ۋە ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسى بايقىلىپ، 12 ئادەمنىڭ ئۆلىمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.
بۇلاردىن سىرت يەنە 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شېنجېن شەھىرىدىكى 31 ياشلىق بىر ئەر كىشىدە H5N1 ۋىرۇسى بايقالغان.
خىتاي دىخانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە نىڭشا ئاپتونۇم رايونى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جىددى تەدبىر ۋە كونتۇرۇل قىلىش خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، 2003 - يىلى مەيدانغا كەلگەن قۇش زۇكۇمى سەۋەبىدىن، دۇنيا بويىچە 130 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى گەرچە كۆپلىگەن بىمارلار كېسەللىكنى ھايۋانلاردىن يۇقتۇرۋالغان بولسىمۇ، ئامما مۈتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ھ5ن1 ۋىرۇسىنى نوقۇل ھايۋانلاردىلا پەيدا بولىدۇ دەپ قاراشقا بولمايدىغانقلىئىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 200 قېتىملىق دىلو ئۈستىدىن ھازىرلىغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2003 - يىلىدىن بېرى ھازىرغا قەدەر مەزكۈر ۋىرۇس، ئىنسانلاردا 3 قېتىم بايقالغان يەنى قىش ۋە باھار پەسلىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ شىنجىن شەھىرىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشى بايقالدى
- تىبەت ۋە چىڭخەيدە قۇش زۇكىمى بايقالدى
- خىتاينىڭ غەرب تەرەپتىكى چەت رايونلىرىدا يېڭىدىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقالغان
- خىتاي قۇش زۇكام ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشە سالماقتا
- خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى: جۇڭگودا قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك پارتلاش مۈمكىنچىلىكى زور