خىتاي، ئامېرىكا ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتىنى "ئاساسسىز" دەپ ئەيىبلىدى

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 31 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتىنى " ئاساسسسىز پەرەز "دەپ تەنقىد قىلدى. مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى خىتايداH5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن تىپى پەيدا بولغانلىقىنى ۋە تارقىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ "فۇجيەن ۋىرۇسى" دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ تەتقىقات دوكلاتىنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدە خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى مۇتەخەسسىسى گۇەن يىي بىلەن مالىك پېرىسلار ۋە ئامېرىكا سانت جۇدى'س بالىلار تەتقىقات دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى روبېرت ۋەبستېرلار بار ئىدى. دوكلاتتا، فۇجيەن ۋىرۇسى ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى خىتاينىڭ 6 ئۆلكىسى ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۆرۈلگەنلىكى، بۇ ۋىرۇسنىڭ 3 - قېتىم پارتلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ھايۋاناتلار ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى جيا يۆلىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەتقىقات دوكلاتى تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەرنى ۋىرۇس ئۆلگىسىنى قانۇنسىز يىغىش ۋە ئاسسىسىز خۇلاسە چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن يېڭى تىپى "فۇجيەن ۋىروسى" مەۋجۈت ئەمەس، دەيدۇ.

بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى يېڭى بايقالغان ۋىرۇس ئۆلگىسى بىلەن تەمىنلىمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى جۇلىيە خولل، خىتاينىڭ 2004 -يىلدىن كېيىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ۋىرۇس ئۆلگىسى بىلەن تەمىنلەپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)