ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقۇملۇق قۇش زۇكامى ۋىرۇسى يېقىندا خىتايدا قايتىدىن پەيدا بولغان. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭسەن شەھىرىدىكى 37 ياشلىق بىر دېھقان ئىسسىتمىسى ئۆرلەپ، خۇددى ئۆپكە ياللۇقىغا گىرىپتار بولغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلىكتىن، 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دوختۇرخانىغا كەلگەن. قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كىشىنىڭ H5N1 بەلگىلىك يۇقۇملۇق قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن ئاغرىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ خىتايدا ئادەمدە پەيدا بولغان يۇقۇملۇق قۇش زۇكامىنىڭ ئىككىنچى مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خادىمى ماۋ چۈنئەننىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلىرىدە يۇقۇملۇق قۇش زۇكامىنىڭ قايتىلىنىش ۋە تاراپ كېتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. (ۋەلى)