خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جەنجېڭ دېگەن مەھەللىسىدە بىر دېھقان H5N1 تىپتىكى قۇش زۇكۇمى ياللۇقىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ خىتايدا بۇ يىل كىرگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم بايقالغان قۇش زۇكۇمى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى كېسەل بايقالغان بىمارنىڭ ھەقىقەتەن قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەن جېڭ مەھەللىسىدىكى ئۆي قۇشلىرى بازارىنى تاقىۋەتكەن.
شىخۇا ئاگېنلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قۇش زۇكىمى بايقالغان لى فامىلىلىك ئايالنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، قاتتىق يۆتەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارلانغان ۋە ئۇنىڭ ئۆي قۇشلىرى بىلەن ھەپىلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
گەرچە بۇ ئايال دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن تۆت يىلدىن بېرى خىتايدا 14 ئادەم قۇش زۇكىمى سەۋەبى بىلەن قازا قىلغان.
جېنجېڭ رايونىدىكى بىر خادىمى نۆۋەتتە، قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چارە تەدبىرلەرنىڭ ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ توخۇنى ئاساس قىلغان ئۆي - قۇشلىرى، بۇ رايوننىڭ خىتاي ئاققۇنلىرى تەرىپىدىن بىرلىكتە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىگىمۇ ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (ئەقىدە)