خىتايدا يەنە قۇش زۇكىمى بايقالدى
2007.05.26
شەنبە كۈنى خىتاي سەھىيە مىنستىرلىقى، خىتايدا يەنە بىر كىشىدە قۇش زۇكىمى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي سەھىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېڭ فامىلىلىك 19 ياشتىكى خىتاي ئازابلىق ئارمىيىسىنىڭ بىر ئەسكىرىدە قۇش زۇكىمى بايقالغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ بىر ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا ئىكەن.
لېكىن، خىتاي سەھىيە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان چېڭنىڭ خىتاينىڭ قايسى رايونىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى ۋە قانداق قىلىپ قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،9- ماي كۈنى چېڭدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، 14- ماي كۈنى خىتاي ئازاتلىق ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلگەن.
خىتاي سەھىيە مىنستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى بۇ ۋەقەدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەن بولۇپ، يەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىگە چېڭ بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن ئازاتلىق ئارمىيە بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.(ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى رەت قىلىندى
- خىتاي قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى نۇسخىسىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇرماقچى
- فۇجيەندىكى بىر دېھقاندىن قۇش زۇكىمى بايقالدى
- مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى سەھىيە ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى
- گەنسۇدا مال چارۋىلارغا ئېغىز تۇياق ياللۇغى تارقالدى
- خىتايدا جىنسى كېسەللىكلەر كىشىنى چۆچۈتكۈدەك سۈرئەتتە يامرىماقتا
- يۇقۇملۇق قۇش زوكامى ۋىرۇسى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە بايقالدى
- خىتايدا سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولماقتا