دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: قۇش زۇكىمى خىتايدا يەنىلا مەۋجۇت

قۇش زۇكۇمىغا ئائىت ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا قارىغاندا، قۇش زۇكىمى خىتاينىڭ بىر ئەسكىرىدە بايقالغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بىلدۈرۈشىچە، قۇش زۇكۇمى خىتايدا يەنىلا بىر ئاممىۋى ساغلاملىققا تەھدىت سالىدىغان ۋىرۇس سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

شەنبە كۈنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، قىزىش ۋە يۆتەل ئالامەتلىرى بىلەن 14- ماي ياتاققا ئېلىنغان 19 ياشلىق بىر خىتاي ئەسكىرىنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئەمما ئۇلار مەزكۇر ئەسكەرنىڭ قانداق يوسۇندا يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتىشنى رەت قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر خىتاينى بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جاۋاب بېرىشكە قىستىماقتا ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭ ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جوئاننا برەنت: "يالغۇز بىر قۇش زۇكىمى بىمارى جىددىي ئېتىبار قوزغىيالمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئەھۋال قۇش زۇكىمىنىڭ خىتايدا يەنىلا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاممىۋى سالامەتلىككە تەھدىت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ" دېدى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە يەنە، قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان خىتاي ئەسكەر فۇجىيەندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ھازىر خىتاي سەھىيە تارماقلىرى بۇ ئەسكەر بىلەن ئالاقىدار كىشىلەرنى تىببىي كۆزىتىش ئاستىغا ئالغان.

بۇ يىل خىتايدا بايقالغان باشقا ئىككى نەپەر قۇش زۇكىمى بىمارى فۇجىيەنلىك بىر دېھقان، يەنە بىرى ، بۇ يىل مارتتا ئۆلۈپ كەتكەن ئەنخۇيلىق 16 ياشلىق بالا ئىدى.(جۈمە)