رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيە ۋە شىۋىتسىيە دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ، گېرمانىيە ۋە شىۋىتسىيە دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون قايتىپ كەلدى.

رابىيە قادىر خانىم ، گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى ئالىكزاندىرىيا كاۋېلۇس خانىمنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كەلگەن ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان بىئوگرافىيىلىك روماننىڭ نەشىردىن چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن 6 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم ، گېرمانىيىنىڭ مۇينخىن ۋە بېرلىن شەھەرلىرىدە كىتاپ تونۇشتۇرۇش ، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش شۇنىڭدەك مۇشتىرىلارغا ئىمزا قويۇپ بېرىش مۇراسىملىرىغا قاتناشقاندىن سىرت، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ، تېنچ يوسۇندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قارىلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش ‏- ئىزلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى.

كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنلىرىغا، گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت ژورناللارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ، 50 تىن ئارتۇق مۇخبىر قاتناشتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارغا بۇ كىتاپنىڭ يالغۇز ئۆزىنىڭ شەخسى كەچۈرمىشلىرى بولۇپلا قالماستىن، بىر مىللەتنىڭ ، بىر ۋەتەننىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، شىۋىتسىيىنىڭ پايتەختى برىن شەھىرىدە كىتاپ ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىملارغىمۇ قاتناشتى. (ئۆمەر قانات)